چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن دۇچ كېلىدىغان ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىق قايسى؟

مەنبە:

تەھرىر: bahtiyar

يوللانغان ۋاقتى: 2014-12-03 11:05:01

چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن دۇچ كېلىدىغان قىيىنچىلىق ئىچىدە تۆۋەندىكى ئىككى خىلىنىڭ سالمىقى ھەممىدىن ئېغىر:

1- يۇرتىنى سېغىنىشتىن پەيدا بولىدىغان روھى بېسىم.

2- ئىقتىسادى بېسىم.

مەيلى چەتئەلگە يېڭى چىققانلار بولسۇن، ياكى چەتئەلدە ئۇزۇن مەزگىل ئولتۇراقلىشىپ قالغانلار بولسۇن، ئانا يۇرتىنى سېغىنىپ كۆز يېشى قىلمايدىغانلار، يۈرەك ئازاۋى تارتمايدىغانلار يوق دىيەرلىك. چەتئەلدە تۇرغان ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ بۇ خىل سېغىنىش ھىسسىياتى بارغانسېرى كۈچىيىدۇ. بۇنى چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىدىغان ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىق دېيىشكە بولىدۇ. ئىقتىسادى تەرەققى قىلغان، ماددى تۇرمۇش سەۋىيىسى يۇقۇرى بولغان ئەللەرگە چىققانلار (مەسىلەن: ياپونىيەگە ئوخشاش) نىڭ كۆپ قىسمى بىر مەزگىل ئىقتىسادى جەھەتتە قىيىنچىلىق تارتىدۇ. ياپونىيەدىكى ئەھۋالنى ئېلىپ ئېيتساق، توكيو قاتارلىق شەھەرلەردە مال باھاسى ئۈرۈمچى بىلەن 10 ھەسسىدىن 15 ھەسسىگىچە پەرقلىنىدۇ. تىل بىلىدىغان ۋە جاپاغا چىدايدىغانلار ئۈچۈن ئىشلەش پۇرسىتى ناھايىتى كۆپ بولغانلىقتىن غەيرەت قىلغانلار بىر مەزگىلدىن كېيىن، ئىقتىسادى بېسىمدىن ئىبارەت بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ كېتەلەيدۇ.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有