چەتئەل مائارىپ تەربىيىسىنى قاچان قوبۇل قىلغان ئەڭ مۇۋاپىق

مەنبە:

تەھرىر: bahtiyar

يوللانغان ۋاقتى: 2014-12-03 10:55:14

چەتئەل مائارىپى بىلەن جۇڭگو مائارىپىنىڭ پەرقى ئىنتاھىن زور. بۇنى قىسقىچە نەچچە ئېغىز سۆز بىلەن ئىزاھلىغىلى بولمايدۇ. ئەڭ چوڭ پەرق مېنىڭچە مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش، باشقۇرۇش شەكلى، ھەق ئېلىش تۈزۈمى قاتارلىق جەھەتلەردىكى پەرق بولۇشى مۇمكىن.

گىرمانىيە ۋە ئەنگىلىيەدىكى ئوتتۇرا -باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋە ئونىۋېرسىتىتلارنىڭ ئوقۇتۇش قۇرۇلمىسى ئىلاستىكىلىققا ئىگە. گېرمانىيەدە باشلانغۇچ مەكتەپنى 4يىل ئوقۇيدۇ.(6-7ياشتىن باشلىنىدۇ) باشلانغۇچتىن كېيىن ئوقۇغۇچى ئوخشىمىغان ئۈچ خىل ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقىدۇ:1-« GymnaSium»ئوقۇش باسقۇچى 9يىل. بۇ باسقۇچتىكى ئوقۇشنىڭ ئاخىرقى ئىككى يىلى«Abitur»دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ باسقۇچ ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ئىمتاھانىنى كۆرسىتىدۇ. 2-«Realschule»6يىل داۋاملىشىدۇ. ئۇنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن تېخنىكوملارغا ۋە باشقا كەسپى مەكتەپلەرگە كىرىپ ئوقۇشقا بولىدۇ. ياكى يەنە ئىككى يىل«Abitur»دا تەييارلىقتا ئوقۇسىمۇ بولىدۇ. 3-«Hauptschule» 5يىل داۋاملىشىدۇ.پۈتتۈرگەندىن كېيىن كۆپۈنچە ھاللاردا پىداگوگىكا مەكتەپلىرىگە كىرىپ ئوقۇيدۇ. بۇنىڭدىمۇ«Abitur»دا تەييارلىقتا ئوقۇپ، يەنە داۋاملىق ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمكانىيىتى بولىدۇ.

ئەنگىلىيىدە ئادەتتە ئوتتۇرا -باشلانغۇچ مەكتەپلەر مەكتەپ مۇدىرى ۋە ئاتا-ئانىلار، مەكتەپ خادىملىرى، يەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرىدىكى خادىملاردىن تەشكىللەنگەن گۇرۇپپا تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنىدۇ. كۆپۈنچە مەكتەپلەر ئاممىۋى فوند ئارقىلىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇدۇ. دىنىي ياكى باشقا خەيرى- ساخاۋەت فوندى مەكتەپلىرىمۇ، ھۆكۈمەت فوندى بىلەن مەۋجۇت بولىدىغان مەكتەپلەرمۇ بولىدۇ. ئونىۋېرسىتىتلار مەيلى گىرمانىيىدە بولسۇن ياكى ئەنگىلىيىدە بولسۇن تارقاق جايلاشقان. ئوقۇغۇچىلار بىر دەرسنى شەھەرنىڭ بۇ چېتىدىن ئالسا، يەنە بىرسىنى ئۇ بېشىدىن ئالىدىغان ئەھۋاللارمۇ ئۈچرايدۇ. ئەنگىلىيە ۋە گىرمانىيىدىكى ئونىۋېرسىتىتلاردا ھەر بىر فاكولتىت مەۋسۈملۈك ئۆتۈلىدىغان دەرسلەرنىڭ ئىسمى، دەرس ئوقۇتقۇچىسى، دەرسنىڭ ۋاختى، ئورنى، بۇ دەرس ئۈچۈن پايدىلىنىلىدىغان ماتىرىياللارنىڭ تىزىملىكى، دەرسكە قاتنىشىدىغانلارنىڭ شەرتى قاتارلىقلارنى جەدۋەللەشتۈرۈپ ئېلان قىلىدۇ. ئوقۇغۇچىلار شۇنىڭغا ئاساسەن نەچچە پەننى ئوقۇش، قايسى ۋاقىتتا ئوقۇشنى بېكىتىدۇ. كۈتۈپخانىلارنىڭ رولى ئالاھىدە گەۋدىلىك، ئونىۋېرسىتىتلاردا چوڭ كۈتۈپخانابولغاندىن باشقا، ھەر بىر فاكولتىتتىمۇ كۈتۈپخانا بولىدۇ. كۈتۈپخانىدىن كىتاپ ئارىيەت ئېلىش شەكلىمۇ ئاددى ھەم رەتلىك. توردا ئارىيەت ئالىدىغان كىتاپنىڭ تىزىملىكىنى يوللىۋەتكەندە، كىتاپخانا خادىمى كىتاپنى شۇنىڭغا ئاساسەن ئالدىن تەييارلاپ قويىدۇ.

گېرمانىيىدە ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلا قانچە ئونىۋېرسىتىتقا ئىلتىماس سۇنسا بولىۋېرىدۇ، كەلگەن چاقىرىققا قاراپ، بارىدىغان مەكتەپنى تاللايدۇ. ئەنگىلىيىدە ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئالتە ئونىۋېرسىتىتقا ئىلتىماس سۇنۇشقا بولىدۇ.گېرمانىيە ئونىۋېرسىتىتلىرىدا دەسلەپكى تۆت مەۋسۈم ئىچىدە كەسپ ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ. ئونىۋېرسىتىتتا كەسپ، ئىمتاھان، قوشۇنچە خىزمەت توغرىلىق مەخسۇس مەسلىھەت بېرىش ئورنى بولىدۇ. فىروففىسورلار ئادەتتە ھەپتىدە بىر سائەت ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىدۇ. فىروففىسور بىلەن كۆرۈشىدىغان ئوقۇغۇچىلار كەم دىگەندە بىر ھەپتە بۇرۇن كۆرۈشۈشكە تىزىملىتىشى كېرەك. ئوقۇغۇچى ھەر بىر پەننى تۈگەتكەندىن كېيىن، نەتىجىنى يىغىپ قويىدۇ. ئوقۇش بەلگىلەنگەن پەنلەرنى تۈگەتكەندە، ئۆزى ئىمتاھان مەركىزىگە بېرىپ ئارىلىق ئىمتاھانىغا ياكى ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىمتاھانىغا تىزىملىتىدۇ. ئىمتاھان مەركىزى ماتىرىياللارنى دەلىللىگەندىن كېيىن، ئىمتاھان بېرىشكە چاقىرىق ئەۋەتىدۇ. فاكولتىتلار ئادەتتە دەرس ئۆتۈشكىلا مەسئۇل بولىدۇ. ئىمتاھاننى ئىمتاھان مەركىزى ئالىدۇ. گېرمانىيە ئونىۋېرسىتىتلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ چەتئەلگە چىقىپ بىر ياكى ئىككى مەۋسۈم ئوقۇپ كېلىشىنى قۇۋۋەتلەيدۇ، ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن قولاي شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ. چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈزۈتۈش دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشىگىلا ئەمەس، بەلكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ چەتئەل تىلىنى پىششىقلىشى، مەدەنىيەت ئۈگۈنۈشى، مۇستەقىل خارەكتىر يېتىلدۈرۈشى، ئەتراپلىق پىكىر قىلىشى ئۈچۈن پايدىلىق، دەپ قارايدۇ.

ئەنگىلىيە، گېرمانىيە ئوتتۇرا -باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتۇشى پۈتۈنلەي ھەقسىز. ئەنگىلىيىدە ئوقۇش پۇلىدىن باشقا دەپتەر، كىتاپ، قەلەملەرمۇ ھەقسىز تەمىنلىنىدۇ. ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن دەپتەر قەلەمنى ئۆزلىرى ئالىدۇ. مەيلى ئەنگىلىيىدە بولسۇن ياكى گېرمانىيىدەبولسۇن بىلىم ئېلىش مەلۇم بىر گۇرۇھنىڭ ياكى تەبىقىنىڭ ئىشى بولۇپ قالماستىن، جەمئىيەتتىكى ھەر بىر كىشىنىڭ بىلىم ئېلىش ھوقۇقى باپ-باراۋەر بولىدۇ. گىرمانىيە ئالى مەكتەپلىرى گىرمانىيىلىكلەرگە، چەتئەللىكلەرگە ئوخشاشلا ھەقسىز. (خەۋەرلەرگە قارىغانداگىرمانىيەدىكى بىر قىسىم ئالى مەكتەپلەر ھەق ئېلىشنى سىناق قىلىۋېتىپتۇ، بىر قىسىم رايونلاردا ھەق ئېلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ بوپتۇ. گىرمانىيىگە ئوقۇشقا چىقىشنى ئويلايدىغان كىشىلەر بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرنى يەنىمۇ ئىنچىكە ئىگىلەپ باقسا بولىدۇ.) ئەنگىلىيىدىكى ئونىۋېرسىتىتلاردا ئوقۇش ھەققى ئېلىنىدۇ. ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەردىن باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەنلەردىن ئېلىنىدىغان ھەق ئۈچ تۆت ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ. 2005-يىلى ئالى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش ھەققى ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن كىشى بېشىغا 1175فونتسىتىرلىڭدىن توغرا كەلگەن.2006-يىلى 1200فونتسىتىرلىڭتىن توغرا كېلىشى مۆلچەرلەنمەكتە. لېكىن ئوقۇش پۇلى ئېلىشتىمۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا بېقىنىدىغان ياكى بېقىنمايدىغانلىقى، ئاتا-ئانىسىنىڭ كىرىمى قاتارلىقلارغا قارىلىدۇ. ئىقتىسادى ئەھۋالىغا قاراپ ئوقۇش پۇلى تاپشۇرمايدىغانلار، بىر قىسمىنى تاپشۇرىدىغانلار ۋە ھەممىنى تاپشۇرىدىغانلار بېكىتىلىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئونىۋېرسىتىتلاردا قەرز پۇل ئېلىپ ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلسىمۇ بولىدۇ. قەرز پۇلنىمۇ كېيىن خىزمەتكە چىققاندىن كېيىنكى كىرىمىگە قاراپ قايتۇرىدۇ. ئەگەر كىرىمى يۇقىرى بولمىسا، قايتۇرمىسىمۇ بولىدۇ. باشقا دۆلەتلەردىمۇ يەنى، ئاۋىستىرالىيە1989-يىلى ئوقۇغۇچىلارغا قەرز پۇل بېرىپ، ئوقۇش پۇلى ئېلىش تۈزۈمىنى يولغا قويغان.بەلگىلىمە بويىچە ئوقۇغۇچى مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئالغان ئىش ھەققى ھۆكۈمەتنىڭ بەلگىلىگەن ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولسا قەرزنى قايتۇرمىسىمۇ بولىدۇ. ئاۋىستىرىيە 2001-يىلىدىن باشلاپ قەرز پۇل بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويغان. مەۋسۈملۈك ئوقۇش پۇلى يەرلىكلەرگە 363ياۋرۇ. چەتئەللىكلەردىن 730ياۋرۇ. تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار قەرز پۇلىنى دۆلىتىگە قايتىشتىن بۇرۇن تۆلىشى كېرەك. گوللاندىيىدە ئوقۇش پۇلى ئېلىشنى 1986-يىلى ئوتتۇرىغا قويغان. ئامېرىكا ئالى مەكتەپلىرىدە ئومۇمىيۈزلۈك ئوقۇش پۇلى ئالىدۇ. ئالدىنقى قاتاردىكى ئالى مەكتەپلەرنىڭ يىللىق ئوقۇش پۇلى25000 دوللاردىن ئاشىدۇ.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有