چەتئەلدە تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتۈش ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت كىتىدۇ

مەنبە:

تەھرىر: bahtiyar

يوللانغان ۋاقتى: 2014-12-03 10:48:58

چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن ئەگەر تىل ئۈگۈنۈشنى نۆلدىن باشلاشقا توغرا كەلسە، تەخمىنەن بىر يېرىم يىل ۋاقىت سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇنى مۇقىم بىر نىمە دىگىلى بولمايدۇ. مەن بىلىدىغانلار ئىچىدە تىل ئۈگۈنۈش ئۈچۈن بىر يىل ۋاقىت سەرپ قىلغانلارمۇ، ئۈچ يىل سەرپ قىلغانلارمۇ بار. گىرمانىيىدە تىل ئۆتكۈلىدىن ئۆتۈش ئۈچۈن بېرىلگەن ۋاقىت ئىككى يىل. ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتسە، بەزى شىتاتلاردا ۋېزا ئۇزارتىپ بەرمەيدۇ.

مېنىڭچە تىل ئۆتكۈلىدىن تېز ئۆتۈشتە كىرزىس تۇيغۇسى كۈچلۈك بولۇش، قىزغىنلىق بولۇش، ئىقتىساد يېتىشىش، بېسىپ ئولتۇرالايدىغان بولۇش، لۇغەت ئاختۈرۈشتىن زېرىكمەسلىك كېرەك. تىل ئۆتكىلىدىن تېز ئۆتەلمەسلىكتە جىددىلىك تۇيغۇسى كەم بولۇش، ئۆز مىللىتىدىكى ياكى ئۆز دۆلىتىدىكى كىشىلەر بىلەن بىللە تۇرۇش، يېتەرلىك ۋاقىت ئاجراتماسلىق، خاتا سۆزلەپ قويۇشتىن قورقۇش، تەرجىمە قىلىپ ئۈگۈنۈش قاتارلىق سەۋەپلەر بولۇشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە بۇ مېنىڭ شەخسى قارىشىم. تىل ئۈگۈنۈشتە پەقەت بىرلا قائىدە بار. «قازانغا نىمە سالسا، چۆمۈچكە شۇ چىقىدۇ». بىر سائەت ۋاقىت سەرپ قىلغان بولسا، بىر سائەتلىك ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. قانداقتۇ بىر ئادەم ئىككىنچى ئادەمدىن ئەقىللىق بولغانلىقى ئۈچۈن تېز ئۈگۈنىۋالىدىغان ئىش يوق. پەقەت كۆپ ئۈگەنگەنلەر، كۆپ كۈچ سەرپ قىلغانلار تېز ئۈگۈنىدۇ. مېنىڭ تىل ئۈگۈنۈشتىكى ئۇسۇلۇم:

1-دۇچ كەلگەن ھەر بىر سۆزنى ئۆتكۈزىۋەتمەي ئۈگۈنۈپ مېڭىش.

2- ئۈگەنمەكچى بولغان تىلنى ئانا تىلدەك سۆزلىيەلەيدىغان ھەر بىر ئادەم مېنىڭ تىل ئوقۇتقۇچۇم. شۇڭا تارتىنماي سوراپ تۇرۇش كېرەك.

3-مېنىڭ چوقۇم توغرا سۆزلەش مەجبۇرىيىتىم يوق.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有